باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

قارا قۇرۇمدىكى ھاياتلىق ئەلچىسى(1)

2013.05.22 10:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە :ھەسەن ئىسمەت كىسەل كۆرمەكتە .
  قاغىلىق ناھىيە چوپان يېزا شۈشۈ كەنتىنىڭ تاجىك مىللىتىدىن بولغان كەنىت دوختۇرى ھەسەن ئىسمەتنى بۇ يېزىدىكى كىشىلەر قاراقۇرۇمدىكى‹‹ھاياتلىق ئەلچىسى›› دەپ، تەرىپلىىشدۇ. 1984-يىلى ئەمدىلا 18ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ھەسەن ئىسمەت بۇ كەنىتنىڭ كەنىت دوختۇرى بولىدۇ.

  ھەسەن ئىسمەت بىرئاي يېزىلىق شىپاخانىىسدا كەسپىيي بىلىم بىلەن تەربىيلىنىپ كىلىدۇ ،ھەسەن ئىسمەتكە ئەڭ قىيىنغا توختىغان ئىش،بالىلارغا ئەملەيدىغان كالمىنىت گىۋرىن ۋاكسىنىسى قاتارلىق 3خىل ۋاكسىنا بولۇپ،ساقلاشتا بېخەستەلىك قىلسا ياكى ،ۋاكسىنا ئۆلۇپ قىلىپ ئۈنىمىنى يوقىلاتتى ، ۋاكسىنا ئەملەشتە بىخەستەلىك قىلىشقا ئەملىەشتە غەيرى رېياكسىيە كۆرۈلەتتى.1990-يىلى ناھيىلىك يۇقۇملۇق كىسەلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كونتۇرۇل قىلىش مەركىزىدىكى تىببىي خادىملارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلىشى بىلەن،ھەسەن ئىسمەت تىرىشىپ ئۆگىنىپ،ۋاكسىنا ئەمىللىگەندە قىينالمايدىغان بولدى. بۇكەنىتنىڭ ناھيە مەركىزيى بىلەن بولغان مۇساپىسى 140كىلومېتىر يېزا مەركىزىي بىلەن مۇساپىسى 70كىلومىىتر بولۇپ،ئۇيغۇر،تاجىك،قىرغىز قاتارلىق ئۈچ مىللەت كىىشلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنىت بولۇپ،ئۇ،بۇ كەنتىتكى بىردىن-بىر دوخۇتۇر ئىدى.ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىشلىرىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانلارغا يۆتكەش ئىمكانىيتى يوق ئىدى،يول،قاتناش،ئېلىېكتىر ئىنىرگىيە،ئالاقە ئىشلىرى مەۋجۇت بولمىغاچقا تۇغۇت ئىشلىرىدا يەرلىك ئۇسۇل بىلەن،تۇغۇت تۇغدۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق بولۇپ، قىلچە بېخەستەلىك قىلسا ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.ھەسەن ئىسمەت كەنتىدىكى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلدە ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش،تۇغۇتىدا تۇغۇتى قىيىن بولۇش سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ،ئاياللارنى كونا ئىددىيدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن،ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ۋە ياتاقتا يىتىپ تۇغۇش تەشۋىقاتىنى كۇچەيتتى.

  ئازغانسال،سامچى،شۈشۈ كەنىتلىرى قاراقۇرۇم تاغ تېزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان تاغىلىق كەنىت بولۇپ،شارائىتى ناچار كىشىلەر نامرات ئىدى.1993-يىلى باش ئەتىيازدا ھەسەن ئىسمەت ئىشىكىگە دورا-ئوكۇللارنى ئارتىپ،بۇ ئىككى كەنتتىكى چارۋىچىلارنىڭ كىسىلىنى داۋالاشقا ماڭىدۇ.بۇ ئىككى كەنىتنى بىر تاغ ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئايلىنىپ مىڭىش ئۈچۈن يول يىراق بولۇپ،تۆت جايدىن دەريادىن سۇ كىچىپ ئۆتۇشكە توغرا كىلەتتى.ئۇ يولىنى قىسقارتىش ئۈچۈن،ئۆتەڭ ئاغزى جىلغىسى بىلەن،ئازغانسال كەنىتكە يول ئالىدۇ.بۇ چاغلار بۇ جايلاردا قىش بولۇپ،ئۇ ئىشىكىنى يۆتىلەپ،چىغىر يوللار بىلەن،مەنزىلگە مىڭپ يول يىرىم بولغندا تۇيقۇسىز شىۋىرغانلىق قار يىغىپ ئۇنىڭ يول يۇرىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ،قار ئۇچقۇنلىرى كۆزنى ئاچۇرمايتتى،توساتتىن ئۇنىڭ ئىشىكى تاشتىن تېيىلىپ كىتىپ،ھاڭغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كىتىدۇ.ھەسەن ئىسمەت ناھيىتى تەسلىكتە پەسكە چۈشۈپ،دورىلارنى يۈدۈپ بىر مالچىنىڭ قىشلىق گەمىىسدە بىر كىچە تۈنەپ بىر ھەپتىدىن ئارتۇق بۇ جايدىكى ئىككى كەنتتىكى چارۋىچىلارنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ،ئۇلارغا دورا بىرىپ،ئۆيىگە قايتىپ كىلىدۇ.ئۇ چاغلاردا بۇ كەنتتە داۋالاش پونكىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ھەسەن ئىسمەت بىر ئىغىز ئۆيىنى شىپاخانا قىلىپ،قىش –ياز چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۇلارنى دۋالاش بىلەن،ئىغىر كىسەل بىلەن يىتىپ قالغان چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلاردىكى تۇرالغۇلىرىغىچە بىرىپ،ئۇلارنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ،ساقىيتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.شۇ تەرەققىدە ئۇ 10نەچچە يىل بۇ تاغدىكى چىغىر يوللارنى بىسىپ، كىشىلەر تەرپىدىن قەدەمىي مەەدنىيەتكە يىقىن،ھازىرقى مەدەنىيەتتىن يىراق، ھازىرغىچە ئەنئەنۋى تۇرمۇش شەكلى بىلەن ياشاۋاتقان،قاراقۇۇرم تاغ تىزمىسى ئارىسىدا چارۋىچىلارنىڭ كىسىلىگە داۋا بولۇۋاتقان بۇ تاجىك كەنىت دوختۇرى ھەسەن ئىسمەتكە قاراقۇۇرمدىكى ھاياتلىق ئەلچىسى دەپ نام بەردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە