خەلق تورىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 14-ئاپرېل سائەت 6 ئەتراپىدا، خۇبېي شياڭياڭ شەھىرى فەنچېڭ رايونى ئالغا شەرقىي يولىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ، ئوت 8:50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆچۈرۈلگەن. ئوت ئىككىنچى قەۋەتتىكى تورخانىدىن تۇتاشقان بولۇپ، مېھمانخانىغىچە يامراپ كەتكەن. شۇ كۈنى مېھمانخانىدىكى 54 ياتاقتا 67 مېھمان بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر مېھمانخانىدىن قېچىپ چىققان، يەنە بىر قىسىملىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قۇتقۇزۇپ چىققان.