باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

2-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىشلەپچىقىرىلدى دېيىلگەن مېڭنيۇ قېتىقلىرى ئاشكارىلانغان

مېڭنيۇ: سۈرەتتىكىسى مېڭنيۇ مەھسۇلاتى ئەمەس

2013.03.05 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كالىنداردا 30-فېۋرال دەيدىغان كۈن ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنلاڭ تورىغا تىزىملانغان «@ پولات پالۋان Z» ناملىق بىر مىكرو بىلوگدا، ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنى «0230» دەپ بېسىلغان مېڭنيۇ ماركىلىق قېتىق مەھسۇلاتىنىڭ سۈرىتى چىقىرىلغان.سۈرەت چىقىرىلغان شۇزامان 70 مىڭدىن ئارتۇق تورداش دەرھال بۇ بىلوگنى ئۇلاپ تارقاتقان 10 مىڭغا يېقىن تورداش پىكىر يازغان.

  ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن مېڭنيۇ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدىن خاتىرجەم بولالمىدۇق، مېڭنيۇ كارخانىسى ئىستېمالچىلارنى تەشكىللەپ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇشى كېرەك، دېگەن.

  تۆنۈگۈن كەچتە مېڭىيۇ شىركىتىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ تورداش تارقاتقان «2-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاقتى ئۆتىدىغان قېتىق»نىڭ بۇلتۇر 3-ئايدا تۇنجى قېتىم تارقالغانلىقىنى، مېڭنىيۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىلا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، بۇ سۈرەتتىكى «مېڭنىيۇنىڭ نامىدا ئاتالغان ساختا مەھسۇلات ئۇچۇرى»نى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ھەمدە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى. مېڭنيۇ شىركىتى قايتا تەكىتلەپ، مېڭنىيۇ مەھسۇلاتىنىڭ مەھسۇلات نومۇرىنىڭ 13 ۋە 14 خانىلىق بولىدىغانلىقىنى، 8 خانىلىق ئىشلەپچىقىرىش چىسلاسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە