باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى چېتىلغان دېلو توغرىسىدا توردا تارقالغان «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەرزىنى قايتۇرۇۋالدى» دېگەن گەپ راست ئەمەس

2013.02.26 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

2012-يىلى، لى شۇاڭجىياڭ ئەر-ئايال مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممسىىغا قاتنىشىپ، ئائىلە تەربىيەسى توغرىسىدا سۆزلىگەن.
  ناخشىچى لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى چېتىلغان نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى توغرىسىدا يەنە يېڭى خەۋەر تارقالدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن سائەت 5تىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، مىكرو بىلوگقا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن مۇزىكانت، ناخشىچى دەپ تىزىملاتقان بىرسى ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا، ئىچكى خەۋەرگە قارىغاندا لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى لى x چېتىلغان نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەرزىنى قايتۇرۇۋالغان، ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، دېگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  بۇ خەۋەرگە قارىتا. سىنا تورىنىڭ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئادۋوكات بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى تەپتىش مەھكىمىسى شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى، زىيانكەشلىكككە ئۇچرىغان تەرەپنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتۇرۇۋالالمايدىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق. ھەمدە نۆۋەتتە بېيجىڭ ساقچى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت تور بەت خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ دېلو يەنىلا تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا بولۇپ، تېخى رەسمىي شىكايەت قىلىنىش تەرتىپىگە كىرمىگەن، شۇڭا تېخى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئەرزىنى قايتۇرۇۋالغان دېيىشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە