- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچىدە 140 نەپەر پىدائىي مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتتى
2013.02.21 16:58 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيتى مۈڭگۈز پەردە ئىسكىلاتى قۇرۇلغان سەككىز ئايدىن بۇيان، تۆت نەپەر مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلغۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلالىغان، 13 نەپەر كۆز كېسەللىكلىرى بىمارى ئىسكىلاتتىكى مۈڭگۈز پەردىدىن پايدىلىنىپ، قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2012-يىلى 7-ئايدا غەربىي شىمال قىزىل كرېست جەمئىيتى كۆز ئىسكىلاتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبە ئىسكىلاتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، ئىسكىلاتقا تىزىملىتىپ مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلماقچى بولغانلار 140 قا يەتكەن.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىنىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا مۈڭگۈز پەردىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىمارلار 100 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، مۈڭگۈز پەردە كەمچىللىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە