باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

شىنجاڭلىق ئۆسمۈر قاتتىق سوغۇقتا دەرياغا سەكرەپ ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىپ، «جىڭجۇ شەھەرلىك مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى» شەرىپىگە ئېرىشتى

2012.11.16 16:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شيا خەۋىرى) يېقىندا، خۇبېي جىڭجۇ شەھىرىدە، ھەر قايسى تارتقۇ تورلىرىدا، شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر مەردان روزىنىڭ مەرتلەرچە ئادەم قۇتقۇزغانلىق خەۋىرى تارقالدى.13-نويابىر، مۇخبىر مەردان بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە بۇ 17 ياشلىق ئۆسمۈر كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە بۇنچىۋالا دىققەت قىلغانلىقىدىن خىجىل بولغان ھالدا «كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن قۇتقۇزمامدىمەن!»دېدى.

  مەردان خۇبېي جىڭجۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پەرۋىش كەسپى بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى، مەردان ئايىقىنى سېلىپلا دەرياغا سەكرىدى. «قارىسام ئۇ قىز سۇغا چۆكۈپ كېتەيلا دەپ قاپتۇ، سۇنىڭ ئېقىشى بەك تېز بولغاچقا سۇ ئۇنى نەچچە ئون مېتىر يىراقلىققا ئېقىتىپ كەتتى، ئۇ قىز تېپچەكلەپ، توختىماي قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىدى، ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي ئىدى!» مەردان ئانچە راۋان بولمىغان خەنزۇتىلىدا شۇنداق دېدى. قىرغاققا يېتىپ باراي دېگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قىرغاققا چىقىرىشىپ بەرگەن. ئارقىدىن 120قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ بېرىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىغان، داۋالاش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە