لۇكسوردىن يىن خارابىسىگىچە ئىككى چوڭ مەدەنىيەت قەدىمىي خارابىسىنىڭ گۈزەللىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش

2024.04.19 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  لۇكسور مىسىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە تېبىس دەپ ئاتالغان، داڭلىق تارىخىي قەدىمىي شەھەر بولۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق مۇزېي» دېگەن چىرايلىق نامى بار. جۈملىدىن لۇكسور ئىبادەتخانىسى، كارناك ئىبادەتخانىسى، پادىشاھ جىلغىسى ۋە خانىش جىلغىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر بولۇپ، قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى توپلانغان دېيىشكە بولىدۇ.

  يىن خارابىسى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پايتەختى بولغان. يىن خارابىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئىسپاتلاشقا بولىدىغان ھۆججەت-ماتېرىياللارغا ئىگە، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە چىغىناق تاغاق يېزىقى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۇنجى پايتەخت شەھەر خارابىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 3000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى شاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

  لۇكسور ۋە يىن خارابىسى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرى ئورۇنلىغان تارىخنىڭ قالتىسلىقىغا گۇۋاھ بولدى. 4- ئاينىڭ 18- كۈنى خەلقئارا قەدىمىي يادىكارلىق-خارابىلىك كۈنى بولۇپ، ئىككى چوڭ تارىخىي خارابىلىكنىڭ مول ئىزنالىرىدىن ئۆتۈپ، شانلىق ئىزلارنى ئىزدىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىمىز.

  2024-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر مىسىردىكى لۇكسور ئىبادەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ