كىرودىيە خەلق ئورتاق گەۋدىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

2024.04.19 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 17-كۈنى، زاگرېبتا كىرودىيە زۇڭلىسى پلېنكوۋىچ خەلق ئورتاق گەۋدىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  كىرودىيە دۆلەت سايلام كومىتېتى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان پارلامېنت سايلام نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سايلامغا قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار ئىچىدە، كىرودىيە زۇڭلىسى پلېنكوۋىچ رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە كىرودىيە دېموكراتىك ئورتاق گەۋدىسى (خەلق ئورتاق گەۋدىسى) پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن، لېكىن مۇستەقىل ئىچكى كابېنت تەشكىللەشكە ئېھتىياجلىق بولغان يېرىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ