ب د ت ئەمەلدارى: غەزەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

2024.03.07 23:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسى (يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسى)نىڭ مۇدىرى فىلىپ لاززارىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسى بىر مەيدان قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا باشقارمىنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىشتەك ماسلىشىش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ غەزەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنكاسى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىرەسمى يىغىندا، لاززارىنى مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ب د ت يىغىنى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشمىگەن ئەھۋالدا، ب د ت يىغىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن بەلگىلىگەن «ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي پارامېتىرى»نى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا گۇۋاھ بولۇش رولىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ ۋەزىپىسى «ئادىللىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدىنى نامايان قىلدى».

  لاززارىنى مۇنداق دېدى: يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنى تارقىتىۋېتىش «بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىك». «بۇنداق قىلغاندا، بىز پۈتۈن بىر ئەۋلاد بالىلارنى قۇربان قىلىپ، ئۆچمەنلىك ۋە كەلگۈسىدىكى توقۇنۇش ئۇرۇقىنى چاچىمىز. ئەگەر ھەرىكەت قوللىنىپ تۈزەتمىسەك، غەزەنىڭ پۈتكۈل ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنكاسى قايتۇرۇش ئىقتىدارى قىسقا مۇددەت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ. خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقى ۋە خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۆپەيتىشنى مۇراجىئەت قىلىش قارارىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

  لاززارىنى خەلقئارا جەمئىيەتنى «بالدۇرلا قانات يايدۇرۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مۇساپە»گە تۈرتكە بولۇپ، ئاخىرىدا پەلەستىنلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرگە تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە ب د ت يىغىنىنىڭ يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەردىن باشقارمىنىڭ يۈرۈشۈشى ئېھتىياجلىق بولغان قوللاشقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ