بېلارۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: خەلقئارا ھەربىي كونترول قىلىش مېخانىزمى قەستەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

2023.11.24 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكتا، بېلارۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېينىك (ئوتتۇرىدا) بىرلەشمە يىغىندا سۆز قىلدى.

  شۇ كۈنى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى) غا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېڭىشى ۋە بىخەتەرلىك يىغىنى كاتىبات كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكىدا ئۆتكۈزۈلدى. كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بېلارۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالېينىك شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ھەربىي كونترول قىلىش مېخانىزمى قەستەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئەڭ يېڭى مىسالى شۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «ياۋروپا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى»گە قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ