LA LISTE خەلقئارا مېزىلىك تائاملار تىزىملىكى پارىژدا ئېلان قىلىندى

2023.11.22 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، پارىژغا جايلاشقان فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن LA LISTE خەلقئارا مېزىلىك تائاملار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ھاراق تەڭشىگۈچى ماۋتەي كوكتېل ھارىقى تەڭشىمەكتە.

  فىرانسىيە LA LISTE خەلقئارا مېزىلىك تائاملار 2024-يىللىق رەت تەرتىپى 20-چېسلا پارىژدىكى فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئېلان قىلىندى. فىرانسىيە، جۇڭگو، ئىسپانىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاشخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. LA LISTE خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىنى 2015-يىلى فىرانسىيەلىكلەر ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى 200 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاشخانا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، 800 دىن ئارتۇق كەسپىي يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ توردىكى باھاسىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 1000 ئاشخانا كېيىنكى يىللىق دۇنيا يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ