ئىككىنچى تۈركۈمدىكى غەززەدىن كەلگەن بىمارلار تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتىدۇ

2023.11.22 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە غەززەدىن كەلگەن بىر بىمار ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلدى.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككىنچى تۈركۈمدە غەززە رايونىدىن كەلگەن 61 نەپەر ئېغىر بىمار 20-چېسلا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىرانسپورت ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ، ئەنقەرەدىكى ئىككى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىمارلارنىڭ بەزىلىرى غەززە رايونىدىكى تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن راك كېسىلى بىمارلىرى ئىكەن. بۇ دوختۇرخانا غەززە رايونىدىكى بىردىنبىر راك كېسىلى مەخسۇس دوختۇرخانىسى بولۇپ، يېقىندا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە يېقىلغۇسىنىڭ خوراپ تۈگىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشلىتىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان. تۈركىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى كوجا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە غەززە رايونىدىن كەلگەن 88 نەپەر ئېغىر بىمار تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ