بېنگالدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 1500 دىن ئارتۇق ئادەم دېنگې قىزىتمىسى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان، دىياگنوز قويۇلغان بىمار 300 مىڭدىن ئاشقان

2023.11.21 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر دوختۇر بېنگالنىڭ پايتەختى داككادىكى بىر دوختۇرخانىدا دېنگې قىزىتمىسى بىمارلىرىنى داۋالىماقتا.

  بېنگال سەھىيە مۇلازىمەت باش ئىدارىسى 19-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە دېنگې قىزىتمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان 1291 بىمار يېڭىدىن كۆپەيگەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 300 مىڭدىن ئېشىپ، 301 مىڭ 255 گە يەتكەن؛ شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە دېنگې قىزىتمىسى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئالتە نەپەر بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1549 غا يەتكەن. بۇ يىل بېنگالدا بۇ دۆلەتتە خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دېنگې قىزىتمىسى يۇقۇمى يۈز بەرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ