11-ئاينىڭ 19-كۈنى، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادىكى بىر دوختۇرخانىدا، داۋالاش خادىملىرى شىفا دوختۇرخانىسىدىن چېكىنگەن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا.
پەلەستىن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى 19-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەززە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانا شىفا دوختۇرخانىسىدا قاپسىلىپ قالغان 31 نەپەر بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ شۇ يەردىن چېكىنگەنلىكىنى ئېيتتى. چېكىندۈرۈش خىزمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن تاماملانغان، بالدۇر تۇغۇلغان بۇ بوۋاقلار غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى لافا شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ