يانار تاغ 24 سائەتتە 15 قېتىم پارتلىدى، يەرلىك ھۆكۈمەت سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
2023.11.17 14:35 مەنبە: خەلق تورى
شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا، مېكسىكىدىكى پوپوكاتپېت يانار تېغى پارتلاپ، زور مىقداردىكى يانار تاغ كۈلى ۋە گاز ئېتىلىپ چىقتى. مېكسىكا مەملىكەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە پوپوكاتپېت يانار تېغى 15 قېتىم پارتلىدى. ھازىر يانار تاغ ئەتراپىدىكى رايونلارغا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى كىشىلەرنى يانار تاغقا ياماشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. پوپوكاتپېت يانار تېغى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 72 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5400 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ھەرىكەتچان يانار تاغلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ