رۇسىيە ئېنېرگىيە راكېتا ئالەم بوشلۇقى شىركىتى 15-چېسلا مۇنداق دېدى: رۇسىيە 2031-يىلىدىن 2040-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئاي شارىغا چىقىرىشنى پىلانلىدى، بۇ مەزكۇر دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.
تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئېنېرگىيە راكېتا ئالەم بوشلۇقى شىركىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋلادىمىر سولوۋىيوف ئوتتۇرىغا قويغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش لىنىيە خەرىتىسى لايىھەسىگە ئاساسەن، رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.
تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يول خەرىتىسى لايىھەسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە 2031-يىلىدىن 2040-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئاي شارىغا چىقىرىپ، 2041-يىلىدىن 2050-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاي شارى بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان. يول خەرىتىسىدە رۇسىيەنىڭ ئاي شارىدىكى «ئەۋزەل ئورنى»نى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.
بۇ يىل 8-ئايدا، رۇسىيەنىڭ «ئاي شارى-25» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بەلگىلەنگەن ئوربىتىدىن چەتنەپ، ئاي يۈزىگە سوقۇلغاندىن كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى يۇرى بورىسوف مەغلۇپ بولغان «ئاي شارى-25» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋەزىپىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش پىلانىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ