ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، غەززە رايونىدا تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم سەرگەردان بولۇپ كەتكەن

2023.10.25 11:46 مەنبە: خەلق تورى

  23-چېسلا، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدا، يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان بالىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي پەلەستىنگە يېقىن مۇساپىر قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ بىر شۆبە مەكتىپىدە ئوينىماقتا.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى باھالىشىغا ئاساسلانغاندا، غەززە رايونىدا تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم سەرگەردان بولۇپ كەتكەن، سەرگەردانلار بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 566 مىڭ كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرق پەلەستىنگە يېقىن مۇساپىر قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى بېكىتكەن 148 جىددىي پاناھلىنىش ئورنىدا ئولتۇراقلاشقان، لېكىن شارائىت كۈندىن-كۈنگە ناچارلاشماقتا. غەززە رايونىدىكى %40 تىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ