غەززە رايونىغا ياردەم بېرىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان 27 دىن ئارتۇق ئايروپىلان مىسىرنىڭ ئارىش ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى

2023.10.25 11:41 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ 23-چېسلا مىسىرنىڭ ئارىش شەھىرىدىكى بىر ئامباردا تارتىلغان قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى.

  مىسىر شىمالىي شىنەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 23-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇيان، غەززە رايونىغا بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان 27 دىن ئارتۇق ئايروپىلان شىنەي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئارىش ئايرودۇرۇمىغا قوندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مىسىر قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى ياردەم بېرىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئارىش شەھىرىدىكى ئىسكىلاتقا قويۇپ، غەززە رايونىغا ئەكىرىدۇ. بۇ ماددىي ئەشيالار نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىدىن كەلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ