شەرقىي ئېرۇسالىمغا جايلاشقان ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ پەلەستىن ئىشخانىسى 8-چېسلا كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى غەززە رايونىدىكى ئاز دېگەندە 17 مىڭ 500 ئائىلە، 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەرگەردان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: تەخمىنەن 73 مىڭ ئادەم غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن مەكتەپتە پاناھلىنىۋاتىدۇ. ب د ت غەززە رايونىدىكى جىددىي پاناھلىنىش ئورنىنى ئىشقا سېلىپ، سەرگەردانلارغا زۆرۈر ياردەم بەردى.
ئىسرائىلىيە ئاممىۋى رادىيو شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 8-چېسلا كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، توقۇنۇشتا 700 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 9-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ 493 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2751 كىشى يارىلاندى.
7-چېسلا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەردى. پەلەستىن ئىسلام قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قىلىپ، غەززە رايونىغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ