ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھىرات ئۆلكىسىدىكى ئاپەت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇسا ئاشارى 8-چېسلا كەچتە ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا 7-چېسلا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2445 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاشارى شۇ كۈنى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ھېرات ئۆلكىسىنىڭ زىنداجەن رايونىدا 13 كەنت پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىدىكەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇخبىر زىنداجەن رايونىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيداندا، ئافغانىستان قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خارابىلىك ئىچىدىن ھايات قالغۇچىلار ياكى قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئافغانىستان ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەت رايونىغا توشۇلماقتا.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا 7-چېسلا ئىككى قېتىم 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان. ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دۆلەت ئاپىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جانان سەيىك 8-چېسلا مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشتە ھىرات، بادجىس ۋە فارادىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىكى 1340 ئۆي ۋەيران بولدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ