پۇتىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.06.25 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24-چېسلا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، توپىلاڭنى تەشكىللىگۈچىلەر رۇسىيەگە ئاسىيلىق قىلدى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن جازالىنىدۇ، رۇسىيە تەرەپ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ دون دەرياسى بويىدىكى روستوفنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.پۇتىن سۆزىدە مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئاسىيلىققا ئۇچرىدى، ئىتتىپاقلىقنى پارچىلاش ھەرىكىتى ماھىيەتتە خەلققە، ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان سەپداشلىرىغا يۈز ئۆرۈگەنلىك، دۆلەت ۋە خەلققە «كەينىدىن پىچاق تىققانلىق». پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: توپىلاڭنى تەشكىللىگۈچى رۇسىيەگە ئاسىيلىق قىلدى، بۇ سەۋەبلىك جازالىنىدۇ، مەن «بۇ جىنايەتكە بىلەلمەيلا كىرىلگەنلەرنى جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشنى توختىتىش»قا دەۋەت قىلىمەن.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرى موسكۋا شەھىرى، موسكۋا ئوبلاستى ۋە باشقا رايونلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ ھەمدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ دون دەرياسى بويىدىكى روستوفنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالدى.

  بۇ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيەنىڭ سانكىت پېتىربۇرگدا سۈرەتكە تارتىلغان قامال قىلىنغان ۋاگنېر باش ئىشتاب بىناسى6-ئاينىڭ 24-كۈنى، رۇسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 24-چېسلا موسكۋا قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، رۇسىيە، فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇنداق دېدى: رۇسىيەدىكى خۇسۇسىي ھەربىي ئەمەلىي گەۋدە ۋاگنېر تەشكىلاتى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگورغا قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزدۇق.دون دەرياسى بويىدىكى روستوف رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىم ھەربىي رايونىنىڭ باش ئىشتابى ۋە ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت، قوماندانلىق مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ