كولومبىيەدە بىر ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، تۆت بالا ئورمانلىقتا مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى

2023.05.18 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ خەۋەر قىلىشىچە، كولومبىيەدە بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ئىككى ھەپتە بۇرۇن يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان. شۇ يەر ۋاقتى 17-چېسلا، كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىزدەش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئورمانلىقتىن ھايات قالغان تۆت بالىنى تاپقان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-چېسلا، يەتتە ئادەم ئولتۇرغان سېسنا 206 ناملىق بىر ئايروپىلان ئامازون ئۆلكىسىنىڭ ئاراگۇارا شەھىرىدىن گۇاۋىئارې ئۆلكىسىنىڭ سان جوسې شەھىرىگە قاراپ ئۇچىۋاتقاندا موتورىدىن كاشىلا چىقىپ قۇتقۇزۇش سىگنالى بەرگەن.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 5-ئاينىڭ 15- ۋە 16-كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇچقۇچى ۋە ئىككى قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن تۆت بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كولومبىيە دائىرىلىرى نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ئاپشاركا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى داۋاملىق ئىزدىگەن.

  5-ئاينىڭ 17-كۈنى، كولۇمبىيە زۇڭتۇڭى پېترو ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا جاپالىق ئىزدەش ئارقىلىق، يوقاپ كەتكەن تۆت بالىنى تاپقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بۇ دۆلەتكە نىسبەتەن خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تۆت بالىنىڭ يېشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13 ياش،9 ياش،4 ياش بولۇپ، يەنە بىرى 11 ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئىكەن. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىزچىل ئورمانلىقتا يۈرگەن.

  شۇ يەر ۋاقتى 17-چېسلا ئەتىگەندە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى «دەرەخ شاخلىرى بىلەن ياسالغان پاناھلىنىش ئۆيى»نى بايقاپ، بۇ يەردە ھايات قالغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنە بىر بوۋاقلار سۈت بوتۇلكىسى ۋە يەپ بولۇنمىغان بىر مېۋىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئېلان قىلىنغان سۈرەتتىن بۇ يەردە يەنە قايچا ۋە چاچ لېنتىسى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، كولومبىيە دائىرىلىرى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تېخى چۈشەندۈرمىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ