رۇسىيە قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2023.05.12 00:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رۇسىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى شويگۇ ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە قوراللىق كۈچلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ئولېگ ساليۇكوف ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ھەرقايسى ئەترەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  پۇتىن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: رۇسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋەتەن قوغدىغۇچىلىرىغا ئائىت خاتىرىلەر مۇقەددەس، مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ. «بىز ناتسىستلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان دۆلەتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئەسكەرلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. بىز جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ ياپونىيە مىلىتارىزمىغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى خاتىرىلەيمىز ۋە ياد ئېتىمىز».

  پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بۈگۈن موسكۋادا جەم بولۇپ، ئەجدادلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئورتاق غەلىبىگە ئېرىشكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

  بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېف، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف ۋە ئەرمىنىيە زۇڭلىسى پاشنىيان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە قىزىل مەيدان ھەربىي پاراتىنى كۆردى.

  1945-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم قىزىل مەيداندا ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە 1995-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە كۈنى ھەربىي پاراتى ۋە بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ