خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا تۈركىيەگە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان 400-S تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئۇكرائىنانى تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى، تۈركىيە بۇنى رەت قىلدى، دېدى.
«400-S ھەققىدە، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن تەكلىپلىرى بار. بىزگە <تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىش>نى ئېيتتى. بۇ تەكلىپ بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلساق، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى نەدە قالىدۇ؟» دېدى چاۋۇش ئوغلۇ تۈركىيە ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھەتتا 400-S نى ئۇكرائىناغا بېرىش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن تۈركىيە ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ».
چاۋۇش ئوغلۇنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر تۈركىيە 400-S گە ئالاقىدار قارالمىلاردا ئامېرىكىنىڭ رايىغا باققان بولسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بەزى زىددىيەتلەر بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈلمەيتتى.
بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى 400-S بىلەن ئۇكرائىنانى تەمىنلەشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئەمەس. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر 2-ئايدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى كۈچىيىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى 400-S بىلەن تەمىنلىشىنى بىرەسمى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈركىيە ئەمەلدارلىرى شۇ چاغدا يۇقىرىقى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمىغان. تۈركىيە ئاخباراتچىلىرى ۋە بەزى تەھلىلچىلەر تۈركىيە بۇنداق قىلىشنى ئويلاشمايدۇ، چۈنكى بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنادا 400-S نى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشتە تېخنىكىلىق توسالغۇ مەۋجۇت، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ، دەپ قارىغان.
تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن 400-Sنى سېتىۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىل 12-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى بۇ ئىتتىپاقدىشىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا 400-S شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراغ سىستېمىسى بىلەن سىغىشالمايدۇ ھەم بۇ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان 35-F كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، دېدى. 2021-يىل 4-ئايدا، ئامېرىكا تۈركىيەنى ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان، كۆپ دۆلەت قاتناشقان 35-F كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 2021-يىل 10-ئايدا ئامېرىكا تۈركىيەگە 16-F كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش تەكلىپى بەردى، بىراق، ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ ھەربىي سودىنى تەستىقلىمىدى، تۈركىيە 16-F كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، دېدى. چاۋۇش ئوغلۇ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە «ئەركىنلىك گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۈركىيە 35-F كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا تۆلىگەن تۈر ھەمكارلىق پۇلىنى قايتۇرۇۋالماقچى، دېدى.
تۈركىيە 2017-يىلى رۇسىيە بىلەن 400-S نى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. رۇسىيە 2019-يىل 7-ئايدىن باشلاپ بىر تۈەنگە سەپلىگىلى بولىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 400-S سىستېمىسىنى تاپشۇردى ھەم تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. تۈركىيە كېيىنكى سېتىۋېلىش كېلىشىمىدە «ئۈچىنچى دۆلەتكە بۇ سىستېمىنى سېتىپ بېرىشنى چەكلەش» ماددىلىرىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، رۇسىيە تەرەپ بۇ يىل 3-ئايدا 2-تۈركۈمدىكى 400-S سىستېمىسىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى