مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: جۇڭگو ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدۇ ۋە قوللايدۇ

2023.05.10 00:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز ۋە تەبرىكلەيمىز. سۇرىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سەمىمىي دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدۇ ۋە قوللايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئالاھىدە يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىگە قوشۇلدى. جۇڭگومۇ سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىزچىل پائال قوللىدى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجادىي رول ئوينىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سوراشتى.

  «جۇڭگو سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ ۋە تەبرىكلەيدۇ» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قارىشىچە، سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشى ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا، ئەرەب دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىنى پائال قوللايدۇ. جۇڭگو ئۆز يولى ئارقىلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى پائال ئىشلىدى. ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى جەي جۈن سۇرىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە سۇرىيە بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يېقىندا، جۇڭگو خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئالاقىدار ئەرەب دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇلار بىلەن سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىش مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېكداد يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن «جۇڭگو سۇرىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سەمىمىي دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدۇ ۋە قوللايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ