تۈركىيە جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ئوردېن بەردى

2023.04.27 23:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھەم باشقا قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا «جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي تۆھپە ئوردېنى» بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان شۇ كۈنى «جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي تۆھپە ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمىدا، تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەشتە قۇربان بولغان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى خادىملىرىغا ئوردېن بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ تۈركىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ مو جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى ئوردېن بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۈرىيەگە يېقىن چېگرا رايوندا 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 7.7 بال يەر تەۋرىدى. جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان خاتاي ئۆلكىسىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قالدۇق يەر تەۋرەش خەۋپىگە قارىماي، قاپسىلىپ قالغان ئالتە ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 700 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ