مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتىنى 20 يىلدىمۇ يۇيۇپ بولالمايدۇ

2023.03.21 22:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا «ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىتتىپاقداشلىرىنى توپلاپ ئىراققا ئۆكتەملىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ، ئىراقنى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىپلا قالماي، رايوننىڭ سىجىل داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تەھدىت سالدى. بۈگۈنكى كۈندە 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بارا-بارا قېرىدى، ئەمما ئازاب-ئوقۇبەتلەر تۈگىمىدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ زىيىنى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  ئۇرۇش يالغانچىلىقىنى «كەشىپ قىلغۇچى»

  ئىراق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراق سادام ھۆكۈمىتىنىڭ «زور كۆلەملىك قىرغۇچى قورالغا ئىگە ئىكەنلىكى»نى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن جاكارلىغانىدى. ئەمما، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن 2002-يىلىغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەچچە يۈز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە نەچچە مىڭ مۇتەخەسسىسنى ئىراقنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى، ئەمما بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرەر پارچە دوكلاتىدىمۇ ئىراقتا بۇنداق قورال بار دەپ ھۆكۈم قىلىنمىدى. لېكىن بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قوزغاش نەپسىنى توسۇپ قالالمىدى. 2003-يىلى 2-ئايدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېل ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا بىر كىچىك نەيچە ئاق پاراشوكنى چىقىرىپ، بۇنىڭ ئىراقنىڭ خىمىيەلىك قورال تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ «ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىراققا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئامېرىكا ئىراقنى ئالا قويماي ئىزدىگەن بولسىمۇ، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تاپالمىدى. ئىراقنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى نادۇم جۇبۇلى شىكايەت قىلىپ: «ئامېرىكا باھانە تېپىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا قىزىقىدۇ» دېدى.

  «ھەممىسى يالغان گەپتىن باشلانغان.» ئىراقنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ئەلى مۇسا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا يەنە سادام ھۆكۈمىتىنى «بازا» تەشكىلاتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار دەپ ئەيىبلىگەن، بىراق بەش بۇرجەكلىك بىنا 2008-يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىككىسىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى ئىككى چوڭ سەۋەب پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.

  جۇبۇلى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەينى يىلى ئىراقنى ئىشغال قىلىشى تەسەۋۋۇردىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئامېرىكىلىقلار تەسەۋۋۇر قىلغان يەرلىك كىشىلەر «ئەتىرگۈل چېچىشىپ قارشى ئالىدىغان» كۆرۈنۈشمۇ كۆرۈنمىدى. تالاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

  ئامېرىكىنىڭ «يەر شارى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى»نىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تېررورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى تېررورلۇق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قورال كۈچى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئاغدۇرۇش ۋە «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە»نى زورلۇق بىلەن كۆچۈرۈش يولى ئەسلا ئاقمايدۇ، ئەكسىچە يۇرت-ماكانى ۋەيران قىلىنغان خەلقنى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا ئىتتىرىشى مۇمكىن.

  ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان يوق ئەمەس. ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسى 2007-يىلى ئېلان قىلغان دۆلەت ئاخبارات باھالاش دوكلاتىدا ئىراق ئۇرۇشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «قوبۇل قىلىش قورالى»غا ئايلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن، كېيىن سۇرىيە ۋە لىۋىيە توقۇنۇشىغا چوڭقۇر ئارىلاشقانلىقىدىن، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي ساۋاق ئالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  جۇبۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا بىر ئۇرۇش ئىمپېرىيەسى، دېموكراتىيە دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۇرۇش قوزغاپ، باشقا دۆلەتلەرنى زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھازىرغىچە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ