جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەگە يېتىپ باردى

2023.02.09 23:43 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەنىڭ ئادانا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى (يانفوندا تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى 82 كىشى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ 8000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە) تۈركىيەنىڭ ئادانا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.

  جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاۋ مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى دەرھال يۈك چۈشۈرۈش، يۆتكەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزدىن ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتتىكى قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن ھەم قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مەيدانىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىخەتەر، مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ، گازارما قۇرۇدىكەن.

  جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ مو مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەن خەلقئارا ئېغىر ئۈسكۈنىلىك شەھەر قۇتقۇزۇش ئەترىتى، ئادەم ۋە بايلىقنىڭ سەپلىنىشى ياخشى، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىزمەت مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. ئەترەت ئەزالىرى يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۈن-سىنلىق ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىسى ھەمدە قۇتقۇزۇش ئاپشاركىسىنى ئېلىپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرىدۇ.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇرىيەگە يېقىن چېگرا رايوندا 6-كۈنى يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە تۈركىيەدە 5434 ئادەم ئۆلدى، 31 مىڭ 777 ئادەم يارىلاندى. جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى نۆۋەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن-يارىلانغانلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەھرىمان ماراش ئۆلكىسىدە شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە) 7.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەتتە كىلومېتىر بولۇپ، ئەتراپتىكى گازىئان تىپ، خاتاي، ماراتىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان. ئارقىدىن ئەتراپتىكى رايونلاردا يەنە كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ