مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چادنىڭ شەرقىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 ئادەم ئۆلدى، 7 كىشى يارىلاندى

2023.01.29 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  چاد قاتناش مىنىستىرلىقى 27-ماي ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدە 26-چېسلا كەچتە ئاپتوبۇس بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 7 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلدى.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: 31 ئادەم ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس 26-چېسلا يېرىم كېچىدە شەرقىي قىسىمدىكى شەھەر ئۇمھەجەرگە تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كاشىلا تۈپەيلىدىن يولدا توختاپ قالغان يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 18 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلدى ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمىدى، يەنە يەتتە يارىدار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  چاد قاتناش مىنىستىرلىقى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى كاشىلا چىققان ئاپتوموبىلنىڭ يول قائىدىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ھەمدە ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىكى ۋە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكى قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن چادنىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد دەبى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ بۇ خىل ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چاد قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ دۆلەتتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 2600 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلىدىكەن، سۈرەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىرىشى ۋە يول ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشى قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ