مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ دۆلەت يۆتەل توختىتىش قىيامىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مەلۇم قىلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي مۇراجىئەت قىلدى

2023.01.28 12:06 مەنبە: خەلق تورى

  كۆپ دۆلەت يۆتەل توختىتىش قىيامىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مەلۇم قىلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەسىلە بار دورىلارنى تازىلاشقا سىگنال بەردى

  يېقىندا كۆپ دۆلەت دوكلات قىلغان بالىلارنىڭ رېتسېپسىز يۆتەل توختىتىش قىيامى ئىچكەنلىكتىن ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 23-يانۋار ھەر قايسى تەرەپلەرنى «دەرھال بىردەك ماسلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىپ» ئالدىنى ئېلىش، بايقىش كېرەكلىكىنى ھەمدە لاياقەتسىز دورا ۋە ساختا دورا قاتارلىق داۋالاش ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى جىددىي مۇراجىئەت قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇ كۈندىكى بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن تۆت ئايدا نۇرغۇن دۆلەتلەر بالىلارنىڭ رېتسىپسىز يۆتەل توختىتىش قىيامى ئىچىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئالاقىدار ۋەقەلەرنى دوكلات قىلدى، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار. ئاز دېگەندە يەتتە دۆلەتتە يۇقىرىقى كېسەللىك مىسالى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە گامبىيە، ھىندونېزىيە ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتە ئۆلگەنلەر 300 دىن ئاشقان.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە بۇ يۆتەل توختىتىش قىيامى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى دىيوئېتىلېن گلىكول، دىيوئېتىلېن گلىكولنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىغانلىقى ئىسپاتلاندى ياكى گۇمان قىلىنماقتا، بۇ ئىككىسى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئېرىتكۈچ ۋە توڭلاشتىن ساقلاش دورىسى قىلىنىدىغان زەھەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم بولۇپ، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىنسىمۇ جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن، دورىلاردا ھەرگىز كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. ھازىرغىچە، بۇ تەشكىلات ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيەدىكى ئالتە دورا ياساش سودىگىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ يەككە-يېگانە ۋەقەلەر ئەمەس، دېدى ھەمدە داۋالاشنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە قاتناشقان ھەر قايسى ئاساسلىق مەنپەئەتدار تەرەپلەرنىڭ بۇلغانغان دورىلارغا قارىتا دەرھال ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوللىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇلغانغان دورىلارنى بايقىغان ھامان ئۇنى بازاردىن تازىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى دۆلەتلەر تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئالاقىدار تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى بايقىغان ھامان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئاممىغا ئالاقىدار لاياقەتسىز دورىلارنىڭ خەتىرى ۋە زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دورا ياساش سودىگەرلىرىدىن پەقەت لاياقەتلىك تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەردىن دورا دەرىجىلىك قوشۇمچە ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشنى ھەمدە مال تاپشۇرۇۋالغاندا ۋە تەييار دورا ياساشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بارلىق داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋە سېتىش سودىگەرلىرىمۇ چوقۇم باشتىن-ئاخىر دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدا ساختا ئالامەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ