تۈركىيە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ

2023.01.19 01:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «سىزنى رومانتىك تۈركىيەگە ئاپىرىشنى ئويلايمەن» دېگەن بۇ ناخشا تېكىستى قانچىلىك ئادەمنىڭ تۈركىيەگە بولغان گۈزەل ئىنتىلىشىنى پەيدا قىلدى، تۈركىيەنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىمۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى. جۇڭگونىڭ پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسىپكارلىرى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەدە ساياھەت قىلىشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلماقتا.

  تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۆزجۈر ئۆزكەن ياۋۇز يېقىندا تۈركىيەنىڭ قۇچاقلىرىنى كەڭ ئېچىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قارشى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى ساياھەتچىلەر سانىدىن پايدىلانغاندا، تۈركىيەنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشەنچىسى بار.

  2019-يىلى، تۈركىيە كۈتۈۋالغان جۇڭگولۇق ساياھەتچى 420 مىڭدىن ئاشتى. 2022-يىلى، تۈركىيە ساياھەت بازىرى تەدرىجىي جانلاندى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا تۈركىيە تەخمىنەن 42 مىليون 200 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84.77 ئاشقان.

  تۈركىيە كۆك بۆلجۈرگەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى ئىۋان كاسىل يېقىندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىشىنى كۈتىمىز، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىز كۈتۈۋالغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر سانىنىڭ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە قايتىپ كېلىشىنى كۈتىمىز.»

  «جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر مارمارا دېڭىزىنى ياخشى كۆرۈدۇ، چېگرادىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەرمۇ مارمارا دېڭىزىنى بىر كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىستانبۇلدىن كېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» كۆك بۆلجۈرگەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى سەرخان كوچىخان مۇنداق دېدى: كەسىپداشلار جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى پىلانلاۋاتىدۇ، يېڭى ساياھەت تۈرلىرى ۋە مەنزىللەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بەزى ئۆزگىچە قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت لىنىيەلىرىنى لايىھەلەۋاتىدۇ، يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن دېڭىزبويى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  كاپادوكىيە رايونىدىكى تۈركىيە نېۋشېر داشۆسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىگە خەنزۇ تىلى مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  ئىستانبۇلدا مېھمانساراي ئاچقان ئېدېن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك خەۋىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، «جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەت ۋە يېمەك-ئىچمىكىدىن ناھايىتى زوقلىنىدۇ. بۇ مېنىڭ 2023-يىلىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ