مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت: ئوزون قاتلىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى توغرا ئىزغا چۈشتى

2023.01.11 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 9-يانۋار باش ئىشتابى جەنۋەدىكى دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى مۇنداق كۆرسەتتى: ئوزون قاتلىمىنىڭ 40 يىل ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار، بۇ يەر شارى بويىچە ئوزون قاتلىمىنى خورىتىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى تەدرىجىي شاللاش ھەرىكىتى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ پايدىسى.


  بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللىغان «ئوزون قاتلىمىنى خورىتىدىغان ماددىلار توغرىسىدىكى مونترېئال كېلىشىمنامىسى» ئىلمىي باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان يەكۈنى. بۇ گۇرۇپپا تۇنجى قېتىم يەر شارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى تەكشۈردى ھەمدە ئوزون قاتلىمىغا بولغان كۈتۈلمىگەن تەسىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.


  بۇ گۇرۇپپا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، %99 كە يېقىن ئوزون قاتلىمىنى خورىتىدىغان ماددىلارنى تەدرىجىي شاللاپ، ئوزون قاتلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغداپ، ستراتوسفېرانىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىكى ئوزون قاتلىمىنى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ قۇياشتىن كەلگەن زىيانلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئازايتىدىكەن.


  ئەگەر نۆۋەتتىكى سىياسەت ئۆزگەرمىسە، جەنۇبىي قۇتۇپ ھاۋا بوشلۇقى، شىمالىي قۇتۇپ ھاۋا بوشلۇقى، دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئوزون قاتلىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2066-يىلى ئەتراپىدا 2045-يىلى، 2040-يىلى 1980-يىلىدىكى سەۋىيەگە قايتىدۇ. (ئوزون ئۆڭكۈرى كۆرنۈشتىن بۇرۇنقى سەۋىيە).


  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسى ئوزون كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى مېگ سېكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئەڭ يېڭى تۆت يىللىق دوكلاتقا ئاساسەن، ئوزون قاتلىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى توغرا ئىزغا چۈشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ