كورىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى (KBS) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ERBS (يەر شارىنىڭ رادىياتسىيە قوبۇللاش-چىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى) چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ مىنىستىرلىق 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى ھەمدە ئالەم بوشلۇقىدىكى خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى باش شىتابىنى چاقىرىپ تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ سۈنئىي ھەمراھ 1984-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى «رىقابەتچى» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 2450 كىلوگىرام كېلىدىكەن، يەر شارىدىكى ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنىڭ تارقىلىشىنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، ھازىر چۈشۈپ كېتىۋېتىپتۇ.
كورىيە ئاسترونومىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ 9-يانۋار سەھەر سائەت 4 تىكى ئوربىتا ئانالىز نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە: ERBS شۇ كۈنى سائەت 12 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ سائەت 13 دىن 20 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن، چۈشۈپ كەتكەن ئورۇننى مۆلچەرلەش دائىرىسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كورېيە پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتكەندە كۆپ قىسىم زاپچاسلىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا كۆيۈپ تۈگەيدىكەن، لېكىن بىر قىسىم پارچىلىرى يەريۈزىگە چېچىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈر ئىكەن. ھۆكۈمەت خەلقنى چۈشۈپ كېتىش مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتا سىرتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىشقا، ئەگەر چۈشۈپ كەتكەن پارچىلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى بايقىغاندا ھەرگىز تەگمەسلىككە، دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ