بىرازىلىيە ئالبېرت ئېينىشتىيىن دوختۇرخانىسى 30-نويابىر بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن «پۇتبول شاھى» پېلىنىڭ 29-نويابىر بۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەنلىكىنى ھەمدە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىمىيەلىك داۋالاش نەتىجىسىنى باھالىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.
سان-پاۋلو شەھىرىگە جايلاشقان بۇ دوختۇرخانا 30-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، پېلىنىڭ 29-نويابىر دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، 2021-يىل 9-ئايدا بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى خىمىيەلىك داۋالاشنى قايتىدىن باھالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق پېلى ئادەتتىكى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئېغىر كېسەللەر ياكى يېرىم ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ھاجەتسىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېلىدا يېقىندا «سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغان ھەمدە تاماق يېيىشى قىيىنلىشىپ، ئەس-ھوشى جايىدا بولمىغان»، بۇ ئاممىنىڭ پېلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى پەرەز قىلىشىنى قوزغىغان.
بۇنىڭغا قارىتا، پېلىنىڭ قىزى كېلىي ناسىمېنتو 30-نويابىر پېلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ «تاسادىپىيلىق ئەمەس، جىددىيمۇ ئەمەس»لىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ھېسابات نومۇرىدا: «دادام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، بۇ نورمال تېببىي داۋالاش، بۇ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىش تاسادىپىيلىق ئەمەس، جىددىيمۇ ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت» دېدى.
پېلى 2021-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ يىللىق، دائىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن، بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسىنى بايقىغاندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوپېراتسىيە قىلىنغان، كېيىن خىمىيەلىك داۋالانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ