ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ساياھەت مىنىستىرى ئەھمەد خاتىب يېقىندا مىسىر، گىرېتسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەد خاتىب مۇنداق دېدى: رىياد مىسىر ۋە گىرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئۈچ دۆلەت ئۇل ئەسلىھە ۋە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىگە زور مىقداردا مەبلەغ سالىدۇ ھەمدە بۇ مۇسابىقىگە چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ.
ئەھمەد خاتىب مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«2030-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى پۇتبول مەيدانى ۋە توپ مەستانىلىرى رايونىغا ئىگە بولىدۇ». ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر ۋە گىرېتسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ