مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاتار گېرمانىيە بىلەن ھاسىل قىلغان گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئامېرىكىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ

2022.12.01 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  قاتار بىلەن گېرمانىيە 29-نويابىر ئۇزۇن مۇددەتلىك تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى، قاتار 2026-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيەنى ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېلىشىم مۇددىتى ئاز دېگەندە 15 يىل بولىدۇ.
قاتار ئېنېرگىيە ئىشلىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى، قاتار ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سائاد كابى 29-نويابىر مۇنداق دېدى: «قاتارنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازى لېۋان تۇمشۇقىدىن يولغا چىقىپ، گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى برۇنسبۇتتېلغا توشۇلىدۇ، بۇ قاتار بىلەن گېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئۇزۇن مۇددەتلىك سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى، تەمىنلەش مۇددىتى ئاز دېگەندە 15 يىل داۋاملىشىدۇ».


  يۇقارقى تەمىنلەش كېلىشىمى ۋاسىتىچى سودىگەر ئامېرىكا كانوكو فىلىپس نېفىت شىركىتى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ، بۇ كارخانىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى قاتار ئېنىرگىيە شىركىتىدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىپ گېرمانىيىگە سېتىپ بېرىدۇ.


  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار گېرمانىيەنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز شىمالدىكى گازلىقنىڭ شەرققە كېڭەيتىش تۈرى ۋە جەنۇبقا كېڭەيتىش تۈرىدىن چىقىدىكەن. قاتارنىڭ شىمالىدىكى گازلىق ئىراننىڭ جەنۇبىي پارىس تەبىئىي گازلىقى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ ئىككىسىدىن تەركىب تاپقان تەبىئىي گازلىق يەر شارى بويىچە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ تەبىئىي گازلىق.
گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر روسىيە تەبىئىي گازىنىڭ زاپاس تەمىنلىگۈچىسىنى ئىزدىمەكتە، قاتارنىڭ تەبىئىي گازى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. گىرمانىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە كىلىمات قوغداش مىنىستىرى روبېرت خابىك، گىرمانىيە زوڭلىسى ئولاف شولتىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ يىل 3-، 9-ئايدا قاتارنى زىيارەت قىلغان، مەقسىتى گىرمانىيە ئۈچۈن ئېنىرگىيە قولغا كەلتۈرۈش.
گېرمانىيە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قوبۇل قىلىش پونكىتىدىن بەشنى قۇرۇۋاتىدۇ، قاتارنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىنى قوبۇل قىلىدىغان برۇنسبۇتتېل قوبۇل قىلىش پونكىتىمۇ جىددىي قۇرۇلماقتا.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ