مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: ئامېرىكىنىڭ سودا ھەرىكىتى ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە

2022.12.01 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 30-كۈنى، «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ «ئامېرىكىنىڭ سودا ھەرىكىتى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە» دېگەن باش ماقالىسىنى باستى. ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:


  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بۇ ھەپتە ۋاشىنگتونغا بارىدۇ، ئۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا تەدبىرىگە بولغان ئورتاق ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تىزىملىكنى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ يېشىل ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8-ئايدا ئامېرىكا «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى توكلۇق ماشىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېشىل تېخنىكىغا تولۇقلىما بېرىش بەلگىلىمىسىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەدبىرلەر ئادالەتسىز ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىنى ئامېرىكىغا كۆچۈشىگە مەجبۇرلىشى ھەمدە دۇنيا سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمەلدارلارمۇ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىغا بولغان يوشۇرۇن تەسىرىدىن نارازى بولۇشتى.


  ئامېرىكىنىڭ يەرلىك يېقىلغۇسىنىڭ باھاسى كۆپ تۆۋەن بولغاچقا، سىياسىي ساھەدىكى زاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارادىكى كارخانىلارنىڭ كەسپنى يۆتكىشى ۋە مەبلەغ سېلىشىدىن ئەنسىرىدى. گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى باسف شىركىتى ئالدىنقى ئايدا شىركىتىنىڭ ياۋروپادىكى كۆلىمىنى «مەڭگۈلۈك» قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى. ماكرون ئامېرىكىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ياۋروپاغا بولغان سېتىشنى كۆپەيتكەندە، «نورمىدىن ئارتۇق پايدا» ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ