مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۆسۈپ كىردى ۋە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ھەيدەلدى

2022.11.30 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۆسۈپ كىرگەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى


  جەنۇبىي ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ھاۋا ئارمىيە داشياۋى تيەن جۈنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 29-نويابىر، ئامېرىكىنىڭ «چانسېللورسۋىل» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىردى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز-ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى تەشكىللەپ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەيدىۋەتتى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، بۇ ئۇنىڭ دېڭىز قاتنىشى زومىگەرلىكى بىلەن ھەدەپ شۇغۇللىنىپ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنىڭ يەنە بىر پولاتتەك ئىسپاتى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بىخەتەرلىكىدىكى كەم-كۈتىسىز خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىنىڭ مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھۇشيار ھالەتتە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ