مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالجىرىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى

2022.11.30 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 29 -چېسلا، ئالجىرىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق مىنىستىرى مۇھەممەد ئەرقەب زىيارەتكە كەلگەن ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىق تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى سۆھبەتكە قاتناشتى.


  سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يېڭى پۇرسەتلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىپ، ئىككى دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتىر، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ھەمدە ئالاقىدار تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى مۇھاكىمە قىلدى.


  ئىككى تەرەپ يەنە يەر شارى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىپ، «ئوپېك +» نىڭ يەر شارى نېفىت بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.


  سۆھبەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئالجىرىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ