مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

2022.11.30 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىنتىزام كومىتېتى گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاراتقۇلىرى ۋە بازىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.


  گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 26 -چېسلادىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا پەقەت باش تىرېنېر فلىكلا قاتنىشىپ، پۇتبولچىلار قاتناشمىغان. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا چوقۇم باش تىرېنېر ۋە كوماندىدىكى بىر پۇتبولچى قاتنىشىشى كېرەك.


  گېرمانىيە كوماندىسى بۇ ھەقتە گېرمانىيە كوماندىسى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ قاتارنىڭ شىمالىدا بولۇپ، دوخاغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان مېھمانسارايدا ئىكەنلىكى، مۇسابىقە باشلىنىشتىن 30 سائەت بۇرۇن، پۇتبولچىلارنىڭ يولدا چارچاپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەندۈردى. گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە كوماندىسى چۈشكەن مېھمانسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.


  گېرمانىيە كوماندىسى بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. گېرمانىيە كوماندىسى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى كوستارىكا كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى دوخادىكى قاتار دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ