مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: توققۇز دۆلەت ئامېرىكىغا قارىتىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

2022.11.29 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ( CNN ) نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 27-چېسلا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەنلىكتىن، توققۇز دۆلەت ئامېرىكىغا قارىتىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.


  CNN نىڭ بۇ تەكشۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋىستىرالىيە ئامېرىكىغا زىيارەتكە بېرىشنى پىلانلىغان ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىدا زوراۋانلىق جىنايىتى ئاۋىستىرالىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇملاشقانلىقى، بارلىق رايونلىرىدا ئېتىشۋازلىق جىنايىتى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتقان.


  كانادا بىلەن ئەنگلىيە ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا ئامېرىكىدا كەڭ كۆلەملىك ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئەنگلىيە يەنە كەچتە ئادەم شالاڭ رايوندا يالغۇز ماڭماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان؛


  گېرمانىيە ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا ئامېرىكىدا يۇقۇم مەزگىلىدە كۆپلەپ قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا سېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىرقچىلىق سەۋەبىدىن ئامېرىكا ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇرغان؛


  ياپونىيە ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا ئېتىشۋازلىق جىنايىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ بىرى دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىغا بارىدىغان پۇقرالارغا «يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىدىن ئۆزىنى قانداق قاچۇرۇش ۋە چەتكە ئېلىش» توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.


  بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە، فىرانسىيە، مېكسىكا ھەمدە يېڭى زېلاندىيە ئامېرىكىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان ھەمدە ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.


  ئامېرىكا «ئېتىشۋازلىق زوراۋانلىقى ئارخىپى» تور بېكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 26-چېسلاغىچە، ئامېرىكىدا بۇ يىل ئاز دېگەندە تۆت ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كەڭ كۆلەملىك ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىدىن 613 قېتىم يۈز بېرىپ، 40 مىڭ 57 ئادەم تۈرلۈك قورال ياراغقا چېتىشلىق ۋەقە سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ