مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئىراق-سۇرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى كۇرد قوراللىقلىرىغا يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى

2022.11.24 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 22-نويابىر تۈركىيە «تېررورچىلار»نى يوقىتىش ئۈچۈن، ئىراق-سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرى «خەلق قوغدىنىش قىسمى»غا يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىنى تېزدىن باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.


  ئەردوغان شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە، تۈركىيە ئىزچىل ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن «تېرورچىلار»غا زەربە بەردى، بۇ ئىستانبۇلدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاس. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈركىيە تېزدىن تانكا، زەمبىرەك ۋە ئەسكەر چىقىرىپ «تېرورچىلار»نى يوقىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىدىكى مەقسەت دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، بۇ تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى.
تۈركىيە ئارمىيەسى 20-چېسىلا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە «خەلق قوغدىنىش قىسمى»نىڭ بازىسىغا «پەنجلىك قىلىچ» ناملىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش دەپ قارالدى. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى پوزىتسىيەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندىكى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشى ھاۋا ھۇجۇمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى چېگرا ھالقىغان يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


  كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قورال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىراق، ئىران ۋە سۈرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلىرىدىكى كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. «خەلق قوغدىنىش قىسمى» سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا ھەرىكەت قىلماقتا، ھازىر سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى تىزگىنلىۋالغان.
ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدىكى تاكسىم مەيدانى يېنىدىكى مۇستەقىللىق كوچىسىدا 13-يانۋار چۈشتىن كېيىن پارتلاش يۈز بېرىپ، 6 ئادەم ئۆلگەن، 81 ئادەم يارىلانغان. تۈركىيە ھۇجۇم مەنبەسىنى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە سۈرىيە كۇرد قوراللىق كۈچلىرى «خەلق قوغدىنىش قىسمى»غا قاراتتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ