مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەئۇدى ئەرەبىستانى مەملىكەت بويىچە بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى

2022.11.24 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى چارشەنبە كۈنى مەملىكەت بويىچە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان مەزكۇر دۆلەتتىكى بارلىق ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى 23-چېسلا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  سەئۇدى ئەرەبىستانى تۇرالغۇ مىنىستىرلىقىنىڭ 42 ياشلىق بىر ئەمەلدارى: «بىز بۇ نەتىجىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بۇ بىر مەيدان قالتىس مۇسابىقە بولدى. بىزنىڭ پۇتبولچىلارغا بولغان ئىشەنچىمىز يەردە قالمىدى. بۈگۈن كەچ بىز تارىخ يېزىپ چىقتۇق» دېدى.


  بىر تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى مۇنداق دېدى: «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بۇ بىر مەيدان چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، ئاجايىپ قالتىس مۇسابىقە بولدى! كۆپچىلىكنى تەبرىكلەيمەن. بۇ نەتىجە ھەر بىر سەئۇدى ئەرەبىستانى پۇقراسىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ غەلىبە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەر بىر ئەرەب ئەللىرى كوماندىسىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ».


  بۇ خەۋەردىن ۋاقىبلانغان تورداشلار: «بەك ھەۋەس قىلدۇق، بىزنىڭمۇ بۇنداق خۇشاللىقنى ھېس قىلغۇمىز بار!» دېيىشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ