مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

غەربنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىگە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى غەزەپلەندى

2022.11.23 14:52

  يېقىندا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر سائەتكە يېقىن سۆز قىلغاندا، سۆزلىرى ئۆتكۈرلىشىپ، تەلەپپۇزىدىكى سالماقلىق تەدرىجىي كەسكىنلەشتى، تىغ ئۇچىنى غەرب سىياسەتۋازلىرى ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان قاتارغا قارىتىلغان سەپسەتىلىرىنى ئەيىبلەشكە قاراتتى.


  غەربنىڭ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تەنقىد قىلىشى ئاساسلىقى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق-مەنپەئەتى، جىنسىي باراۋەرلىك، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببىتى قاتارلىق «جىنس ئاز سانلىقلار توپى» دىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قاتاردا تەھدىتكە ئۇچرامدۇ-يوق، توپ مەيدانى ۋە ئەتراپتا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك سېتىشنى چەكلەش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
ئىنفانتىنو دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە مۇسابىقىگە نەرەر سالماسلىق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش، دېدى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ 52 ياشلىق رەھبىرىنىڭ قارىشىچە، غەربنىڭ ئەيىبلىشى دۇنيانى تېخىمۇ بۆلۈۋېتىدىكەن.


  خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق-مەنپەئەتى مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە قاتار ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قاتار تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن چىقىرىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە تەمىنات پاراۋانلىقىنى ياخشىلىدى، بۇ بىر ئۇزاق جەريان بولۇپ، قاتارنىڭ ئىسلاھات قەدىمى توختاپ قالمايدۇ». قاتار ھۆكۈمىتى يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى غەرب جەمئىيىتىدە كۆرۈلسە، شىركەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى دەپ قارىلىدۇ؛ ئەگەر بۇ يەردە كۆرۈلسە، ئىجتىمائىي تۈزۈم مەسىلىسى دەپ كۆپتۈرۈلىدۇ، بۇ تىپىك قوش ئۆلچەمدىن باشقا نەرسە ئەمەس.


  ئىنفانتىنو مۇنداق دېدى: «بىز ياۋروپالىقلار باشقىلارغا دەرس ئۆتۈشكە بەك ئامراق. ياۋروپالىقلار ئۆتكەن 3000 يىلدا قىلغان ئىشىدىن 3000 يىل كەچۈرۈم سورىسا، ئاندىن ئەخلاق جەھەتتىن نەسىھەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ». ئىنفانتىنو يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئالتە يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ بۇ يەردە پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار ئەمگەكچىلەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانمۇ؟ ياق، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا پايدا ئازلاپ كېتىدۇ».


  ئىنفانتىنو ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى سەۋەبىدىن قاتار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنى باھانە قىلىپ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، پەقەت بىللە ئىشلىگەندىلا ئاندىن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ غەرب سىياسەتۋازلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ياۋروپا تارىخىدىن پايدىلىنىپ نۆۋەتتىكى قاتارغا بولغان تەنقىدنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.


  ئىنفانتىنو مۇنداق دېدى: «مەن شىۋېيتسارىيەدە تۇغۇلغان، كۆچمەن ئىشلەمچىنىڭ ئوغلى، ئاتا-ئانام قاتاردا ئەمەس بەلكى شىۋېيتسارىيەدە جاپالىق شارائىتتا خىزمەت قىلغان. شىۋېيتسارىيەدە تاكى 90-يىللارغىچە ئاياللار ئاندىن مۇكەممەل ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بۇ 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئەمەس بەلكى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شۇنداق ئىدى. بىز ھازىر ئادەتتىكى ئىشلارنىڭ ئۇزاق جەرياننى باشتىن كەچۈرۈدىغانلىقىغا ئادەتلىنىپ كەتتۇق».


  «ھاراق مەنئى قىلىش پەرمانى» نى ئەيىبلەش توغرىسىدا ئىنفانتىنو مۇنداق دەپ قارىدى: «بۇ غەربنىڭ قاتارنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، يەنە غەربنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشتەك قوش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى». ئۇ يەنە: «ئىختىلاپنى كۆپتۈرۈپ، قارشىلىشىش پەيدا قىلماڭلار» دېدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ