سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 25-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 22-سېنتەبىر سۈرىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن لىۋاننىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 97 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ باركەن. قۇتقۇزۇش خىزمىتى تېخى تاماملانمىغاچقا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنە ئېشىشى مۇمكىن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېمىدە دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشاش بولمىغان 120 دىن 150 كىچە قانۇنسىز كۆچمەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سۈرىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاسپورتى باركەن.
ھازىر تەخمىنەن بىر مىليون سۈرىيە مۇساپىرلىرى لىۋاندا ياشاۋاتىدۇ. 2019-يىلىدىن بۇيان، لىۋاننىڭ ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، يەنە ئارقا ـ ئارقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە بېيرۇت پورتىدىكى چوڭ پارتلاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاچقا، لىۋاننىڭ دۆلەت پۇلىنىڭ كۇرسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، دورا، يېقىلغۇ ۋە ئېلېكتىر كۈچى كەمچىل بولۇش ئەھۋالى ئېغىر بولدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، دېڭىز يولى ئارقىلىق لىۋاندىن ئايرىلماقچى بولغان ئامما كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرى، پەلەستىن مۇساپىرلىرى ۋە لىۋاننىڭ يەرلىك پۇقرالىرىمۇ بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ