قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا مۇنداق جاكارلىدى: بۇ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش 9- ئاينىڭ 23- كۈنى باشلىنىپ، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان زۇڭتۇڭ نامزاتىغا قويۇلغان تەلەپ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: زۇڭتۇڭ نامزاتى چوقۇم قازاقىستان پۇقراسى بولۇشى، قازاقىستاندا 15 يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولۇشى، ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇشى، يېشى 40 تىن ئاشقان بولۇشى، مۇكەممەل سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، ئاز دېگەندە بەش يىل ھۆكۈمەت خىزمىتى ياكى خەلق سايلىغان خىزمەت ئورنىغا ئىگە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە دۆلەت تىلى (قازاق تىلى)نى پىششىق ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇرۇنقى سايلام رىقابىتى پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي باشلىنىدىكەن ھەم 11- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. 11- ئاينىڭ 19- كۈنى سايلامدىن بۇرۇنقى سۈكۈتتە تۇرۇش كۈنى، 11- ئاينىڭ 20- كۈنى چوڭ سايلام بېلەت تاشلاش كۈنى بولۇپ، ۋاقىت سائەت يەتتىدىن سائەت 20 گىچە داۋاملىشىدىكەن.
قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى پەرمان ئىمزالاپ، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئۇ شۇ كۈنى ئاممىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سايلام پائالىيىتىنىڭ قەتئىي قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشى ئاستىدا ئادىل، ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ