مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايدىن جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2022.09.23 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  «ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز». جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 22-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 21-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىزچىللىق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىشى،ئورتاق مەنپەئەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ ھەم جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى 50 يىللىق مۇساپىسىنىڭ تەجرىبە جۇغلانمىسى، ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتتا ئورتاق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ.

  زۇڭتۇڭ بايدىن كۆپ قېتىم «تۆتتە ئىزدەنمەسلىك بىرنى قىلماسلىق» ۋەدىسىنى بەردى، بىز ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىكى يولىنى تېپىپ چىقىشىنى ھەم جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلەپ ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ