دۆلىتىمىز ۋەكىلى 19-چېسلا ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدا ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.
دۆلىتىمىز ۋەكىلى مۇنداق دېدى:2021-يىلى ئامېرىكىدا قامالغان كۆچمەنلەر 1 مىليون 700 مىڭدىن ئېشىپ، % 80 ى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە قامالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 45 مىڭ نەپەر بالىمۇ بار. خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتى ناچار بولۇپ، قامالغانلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھادىسىلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى. بىرىسبۇرگدىكى يىغىۋېلىش ئورنىدىلا 5000 غا يېقىن بالا قامالغان بولۇپ، ئۇلار«چارۋا فېرمىلىرىدىكى چارۋىلار» دەك قىستاڭچىلىق، ناچار مۇھىتتا ياشاپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر ئازاپ چەكتى. 20 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا سوت ئاچماي تۇرۇپلا بىر قىسىم كىشىلەرنى گۋانتانامو تۈرمىسىگە قاماپ قويدى. بۇ يىل 1-ئايدا، ئالاھىدە مېخانىزم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گۋانتانامو تۈرمىسى«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ۋەدىسىگە داغ تەككۈزدى»، ئامېرىكىنى«كىشىلىك ھوقۇققا خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان رەزىل قىلمىشى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆزىدىكى ئىنسانىي ھوقۇققا توغرا قاراپ، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرىدىغان، مۇساپىرلار، كۆچمەنلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان قىلمىشلىرىنى توختىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە تۆلەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ