مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو باش ئەلچىسى: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە زىيانكەشلىك قىلىشى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئىنتايىن نومۇسلۇق بىر بەت

2022.09.21 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، باش ئەلچى لى سۇڭ 20-چېسلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنى ياللانما ئارمىيە مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  لى سۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ھالقىغان خۇسۇسىي ھەربىي ۋە ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك خەلقئارا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولدى، كەينى ـ كەينىدىن كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشقا چېتىلدى، قانۇنغا خىلاپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىدى. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھالدا خۇسۇسىي ھەربىي ئىشلار ۋە ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ پائالىيىتى خەلقئارا كىشىلىكھوقۇق قانۇنى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىغا رېئايە قىلىشى ھەم ئالاقىدار خەلقئارا مېخانىزملارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ قاراپ كەلدى.


  جۇڭگو ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خۇسۇسىي ھەربىي ئىشلار ۋە ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ كەمچىللىكىگە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ ياللانما خادىملىرى چەتئەلدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق پۇقرالارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىپ، ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان. ئاۋسترالىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ئۇزاقتىن بېرى نۇرغۇن كۆچمەنلەرنى قاماپ قويغان بولۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھادىسىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ھۆددىگە بېرىلگەن تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ ياشاش شارائىتى ناچار بولغاچقا، قاماپ تۇرۇلغۇچىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۇزاق مۇددەت نابۇت قىلىنىپ، نورمالسىز ئۆلۈش ھادىسىلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇردى. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرى پۇقرالارغا خالىغانچە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش، خورلاش ۋە قىيناپ جازالاش، شۇنداقلا سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلاشتەك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى پۇقرالار، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى، بۇ قىلمىشلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئىنتايىن نومۇسلۇق بىر بەت.


  جۇڭگو ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇققا كەمسىتىش بولمىغان ھالدا ھۆرمەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ