ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن ئۇرۇش قوزغاپ، دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى

2022.09.13 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن بۇيانقى 21 يىلغا نەزەر سالساق، ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا ئۇرۇش قوزغاپ، دۇنيانى يۇقىرى بەدەلگە دۇچار قىلدى. كۆپ دۆلەت زاتلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» تېررورىزمنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىر قاتار ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى — بىگۇناھ پۇقرالار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى، چەكسىز ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى كېلىپ چىقىپ، ھېسابسىز زىيان سېلىندى.

  ئۇرۇش بەدىلى يۇقىرى بولدى

  21 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن قوزغىغان ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكىتى ئافغانىستاندىن ئىراق، پاكىستان، سۇرىيە، يەمەنگىچە كېڭەيدى. بۇلتۇر 8-ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ تارىختىكى «ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش»ىنى ئاخىرلاشتۇردى. بىراق، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»نى داۋاملىق قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش»ى دۇنيانى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزدى. ئامېرىكا بروۋن داشۆسى ۋاتسون خەلقئارا ۋە ئاممىۋى ئىشلار تەتقىقات ئورنىنىڭ «ئۇرۇش بەدىلى» تۈرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قوزغىغان ئۇرۇشلاردا ئاز دېگەندە 930 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ھەسسە ئادەم ئۇرۇش پەيدا قىلغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئۇل ئەسلىھەلەر بۇزۇلۇش، مۇھىت ناچارلىشىش قاتارلىقلار سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 38 مىليون ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان. ئامېرىكا بوستون داشۆسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى نېتا كراۋفوردنىڭ دېيىشىچە، ئۆلگەنلەر سانى زور دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گەرچە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم كاتتىۋاشلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە قالايمىقانچىلىق ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېررورلۇققا تاللاپ قارشى تۇرىدۇ. بۇ، ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سانىنى 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى 10غا يەتمەسلىكتىن ھازىرقى 20 نەچچىگە كۆپەيتىپ، ئافغانىستان خەلقىنى چوڭقۇر زىيانغا ئۇچراتتى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ زىيان يەتكۈزدى. ئافغانىستان كابۇل داشۆسىنىڭ ئالىمى نەجىبۇللا جامى مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ھەمىشە ئۆزىنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېنىقلىما بېرىدۇ، ئافغانىستانغا قارشى قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش پەقەتلا ئۇنىڭ زومىگەرلىك كېڭەيمىچىلىكىنىڭ باھانىسى.

  2003-يىلى قوزغىغان ئىراق ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»نى تۈتەك پەردىسى قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاقلىدى. ئامېرىكا قورال كۈچى ۋاسىتىسى ئارقىلىق سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بۇ دۆلەتتە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى بوشلۇق ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوڭىيىپ، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان زور خىرىسقا ئايلاندى.

  ئىراق داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى نەجىب جۇبرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «دېموكراتىيە»نى دەستەك قىلىپ، ئەمەلىيەتتە تېررورلۇق ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ يەر شارىۋى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش.

  «ئامېرىكىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئارقا-ئارقىدىن ناچار نەتىجە پەيدا قىلدى، ھالبۇكى، بىر قىسىم مەنپەئەت گۇرۇھى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»تىكى ئاتالمىش غەلىبە قازانغۇچىغا ئايلاندى.

  ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات مەركىزى قورال-ياراغ ۋە بىخەتەرلىك تۈرىنىڭ مۇدىرى ۋىليام خارتون بۇلتۇر ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2001-يىلى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجىتى جەمئىي 14 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، ئۈچتىن بىر قىسمىدىن يېرىمىغىچە بولغان قىسمى دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىغا كىرگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنىڭ يۆنىلىشى تېخىمۇ مەركەزلەشتى: مۇداپىئە توختامىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن ئۈچتىن بىرگىچە بولغان قىسمىنى لوكخىد-مارتىن، بوئىئېن، ھەممىباب ئېنېرگىيەسى، رايتون ۋە نوسروپ-گرۇممان قاتارلىق بەش چوڭ ھەربىي سانائەت كارخانىسى بۆلۈشۈۋالدى.

  بىراق، غايەت زور ھەربىي سانائەت مەنپەئەتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجىتى يەنىلا داۋاملىق كۆپىيىدۇ. ئامېرىكا سىياسىي ئالىمى چاموس جونسون: ئۇرۇشتىن پايدىغا ئېرىشكىلى بولغاندا، ئۇرۇش بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ